Uyghur主要词典
پوتا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگە كىيىمنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، رەختتىن، چىگىدىن ياسالغان بۇيۇم.
«بەلباغ» ، «پوتا» رەختتىن قىلىندۇ، ئۇزۇن بولىدۇ.
«چاكانياغلىق» ، «قىيىقچا» تۆت چاسا بولىدۇ، گۈل - كەشتە بېسىلىدۇ.
«قۇر» ، «قوشاق» چىگىدىن قىلىنىدۇ.
يولدا تېپىۋالغان بەلباغ يولدا چۈشۈپ قالىدۇ. يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق، بېلىدە پوتىسى يوق. ئاقسۇنىڭ يولى باغلىق، بېلىمدە چاكانياغلىق، مەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم، سېنىڭ كۆيگىنىڭ چاغلىق. قىيىقچىنى قىڭغىر باغلاپ، قىز كۆرگىلى بارغان زاڭنى كۆر. قۇرباغلىغىن بېلىڭگە، خىزمەت قىلغىن ئېلىڭگە. قوشاق باغلىغاننىڭ قوشاقچى بولۇشى ناتايىن.
شىۋىلەر
بەلۋاغ. مەسىلەن:
قارا زوچو پوتىنى،
ئىككى چىگىپ باغلىدىلا.
يار ئۈستىگە يار تۇتۇپ،
بېغىر - يۈرەكنى داغلىدىلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بەلگە باغلىنىدىغان رەخت؛ بەلۋاغ.
پوتا باغلىماق.
يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق، بېلىدە پوتىسى يوق (ماقال).