Uyghur主要词典
پوشكال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇمشاق يۇرۇلغان خېمىردىن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك. كۆپىنچە نەزىر _ چىراغلاردا مېھمانغا قويۇلىدۇ.
ئاچ بىلەن توقنىڭ ئارىلىقى يېرىم چەلپەك. ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، پوشكىلىنى ئىتلار تالاشتى. يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ. نەزىرنىڭ يىتى ئوخشاپتۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 15 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، سۇ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. تۇخۇمنى داسقا چېقىپ، تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ يۇمشاق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايغا قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 20 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن نېپىز يېيىپ، ئوتتۇرىسىغا پىچاق بىلەن چاپراس ئەن سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلاپ، تەييارلانغان پوشكالنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ يېغى 500 گرام، ئاق شېكەر بىر كىلوگرام، ئەبجەش ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى بىر كىلوگرام)، شېكەر شىرنىسى بىر يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، شولتا مۇۋاپىق، سۇ ئىككى كىلوگرام، زەمچە ئازراق.
1. ئىلمان سۇدا خېمىرتۇرۇچنى ئېرىتىپ، قاچىدىكى ئۇنغا سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولاي دېگەندە شولتا، شېكەر، سۇ يېغىنى قۇيۇپ خېمىرنى چەيلەپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. شېكەر شىرنىسىگە 105 گرام ئۇن، شولتا، سوققان زەمچە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ.
3. خېمىرنى نېپىز يېيىپ، يۈزىگە قىيمىدىن سېلىپ يېپىپ، ئېغىرلىقى 35 گرام، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق قىلىپ كېسىلىدۇ.
4. قازانغا ئەبجەش ياغنى قۇيۇپ، كېسىلگەن ئۇزۇنچاق خېمىرنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ بىرلا تولغىۋېتىپ ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك قىلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خېمىرنى نېپىز يېيىپ قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ پىشۇرىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.