Uyghur主要词典
پورتۇگالىينىڭ بىر مىڭ سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككنىچى يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
پورتۇگالىيىنىڭ 1820 -يىلقى ئىنقىلابتىن كېيىن تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنى. پورتودا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ 1820 -يىلى 8 - ئايدىكى قوزغىلىڭى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولغان. 1821 - يىلدىكى يانۋار ئىنقىلابى ھوندا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنى چاقىرغان، ئاساسىي قانۇن شۇ يىلى ماقۇللنىپ، ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدا يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلىمىدا بارلىققا كېلىدىغان بىر پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلار پادىشاھتىن مۇستەقىل بولۇپ، پەقەت پارلامېنت ئالدىدىلا جاۋابكار بولۇش؛ مەھكىمە شەرئىينى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ فېئوداللىق ئىمتىيازلارنى بىكار قىلىش؛ مەمۇرىي تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش؛ دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ يەر مۈلكىنى سېتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئىسپانىيىنىڭ 1823 - يىلى ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،پورتۇگالىيىدە ئەكسىيەتچى كۈچلەر قۇتراپ، بۇ ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغان.