Uyghur主要词典
پورتۇگالىيىنىڭ بىر مىڭ سەككىز يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدىكى ئاساسىي نىزامى
دۇنيا تارىخى
برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو Ⅰ تۈزگەن پورتۇگالىيە ئاساسىي قانۇنى. 1826 - يىلى پورتۇگالىيە كۇرۇلى يوئاۋ 6 (1767 - 1826) ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختكە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى، ئەينى چاغدىكى برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو Ⅱ ۋارىسلىق قىلىشقا تىگىشلىك ئىدى. ئەمما پېدرو تەختنى ئۆزىنىڭ يەتتە ياشلىق قىزى مارىيە داگلورىيە (يەنى مارىيە Ⅱ) گە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يېڭى كورۇلىۋانىڭ تاغىسى مىگۇئىلنى نائىب قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا ئاساسىي نىزام تۈزۈپ چىقىپ، مىگۇئىلنى ئەمەل قىلىشقا بويرۇغان. ئاساسىي نىزامدا ئىككى پالاتالىق پارلامېنت قۇرۇلىدىغانلىقى، تۆۋەنكى پالاتانىڭ ۋاستىلىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى، يۇقىرى پالاتانىڭ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى، يۇقىرى پالاتانىڭ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى بولۇپ، پادىشاھ تاللىغان ۋارىسلىق قىلىنىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى؛ كورۇلنىڭ ۋەزىرلىرىنى تەيىنلەيدىغانلىقى ھەمدە پارلامېنت چىقارغان قانۇنلارغا نىسبەتەن مۇتلەق ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ ئاساسىي نىزام كۈچكە ئىگە بولغان، كېيىن ئازراقلا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، تاكى 1910 - يىلى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر يولغا قويۇلغان.