Uyghur←Chinese主要词典
پورتېر
دۇنيا تارىخى
波特
bō tè
(1862-1910) ئامېرىكا يازغۇچىسى. ئەدەبىي تەخەللۇسى ئو. ھېنرى، شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى دورىخانىدا ئىشلىگەن. كېيىن تېكساس شتاتىغا كۆچۈپ بارغان. <ھۇستون گېزىتى> گە مەخسۇس ماقالىلەرنى يېزىپ بەرگەن. 1891 - يىلدىن باشلاپ بانكىدا ئىشلىگەن. 1898 - يىلى پۇل كەم چىققانلىق دىلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتقان. 1902 - يىلى نيۇ - يوركتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ھېكايە يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، تەخمىنەن 300 پارچىدەك ھېكايىسى بار. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە يېزا تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ۋەقەلىكلىرى جانلىق ھەم يۇمۇرلۇق. تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلقنىڭ زۇلمەتلىك ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ساختىلىقىنى، رەزىللىكنى ئېچىپ تاشلىغان. بەزىدە ئەسەرلىرىنىڭ نەتىجىسى قەستەن ئويلىمىغان يەردىن چىقىرىلىپ، ئۈنۈمگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <بەسەي بىلەن پادىشاھ>، <تۆت مىليون> ۋە <شەھەرساداسى> قاتارلىقلار بار.
تارىخ
守门人
shǒu mén rénDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
波特〈美〉
bō tè 〈měi 〉Dئۇنىۋېرسال
搬运机械
bān yùn jī xièDئۇنىۋېرسال
搬运工黑啤酒
bān yùn gōng hēi pí jiǔ