Uyghur←Chinese主要词典
پوپ لاشېز قەبرىستانلىقى
دۇنيا تارىخى
拉雪兹神父墓地
lā xuě zī shén fù mù dì
فرانسىيىدىكى پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىق. لاشېز (1624 - 1709) ئىيېزۇئىت ئىدى. ئۇ 1675-يىلى كورۇل ليۇدوۋىڭ ⅩⅣ نىڭ پۇشايمانلىرىنى ئاڭلايدىغان پوپ بولغان. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىنىي ئىشلار چوڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرى - كېيىن 34 يىل ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىشەنچىگە ئىگە بولغان. كېيىن ئۇنىڭغا پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي ئەتراپىدىكى ھەشەمەتلىك بىر داچا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن، 1804-يىلى داچا قەبرىستانلىققا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئۈچۈن پوپ لاشې قەبرىستانلىقى دەپ ئاتالغان. 1871-يىلى پارىژ كوممۇنىسى جەڭچىلىرى بۇ جايدا ئاخىرقى قېتىم قانلىق جەڭ ئېلىپ بارغان (كېيىنكىلەر قەبرىستانلىقتىكى تامغا <1871-يىلى 21 - 28-مايدىكى كوممۇنىنىڭ قۇربانلىرىغا بېقىشلايمىز> دېگەن سۆزنى ئويۇپ قويغان). <كوممۇنا ئەزالىرى تېمى> غا قاراڭ.