Uyghur主要词典
پونى ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
پونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن كارتاگىئلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتاگ فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.
كارتاگ ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىسقا جايلاشقان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە فىنىك كۆچمەنلىرى قۇرغان شەھەر دۆلىتى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7 - ئەسىرگە كەلگەندە ئۇ تەرەققىي قىلىپ غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى، كورسىكا ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى ۋە بالېئارې تاقىم ئارىلى قاتارلىق كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. كارتاگنىڭ ئۆز زېمىنىمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودا تۈگۈنىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.
رىمنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە سىرتقا بولغان كېڭەيمىچىلىكى بۇنىڭدىن كۆپ كېيىن، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3 - ئەسىرگە كەلگەندىلا رىم ئاندىن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چەت ئەللەرگە قاراپ كېڭىيىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا زومىگەر بولۇشقا ئۇرۇنغان. شۇ سەۋەبتىن كارتاگىئانلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقانلىقتىن، ئاخىر ئۇرۇش پارتلىغان. بۇ ئۇرۇش مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى264 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى146 - يىلىغىچە داۋاملىشىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن، ئەڭ ئاخىردا رىملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشقان.
بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى رىم بىلەن كارتاگنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىنى تالىشىشى ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەت تالىشىش ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى241 - يىلى رىم دېڭىز ئارمىيىسى سىتسىلىيە دېڭىز يۈزىدە كارتاگ دېڭىز ئارمىيىسىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغاندا، كارتاگ سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن، سىتسىلىيە رىمنىڭ بىرىنچى مەمۇرىي ئۆلكىسى (يەنى چەت ئەلدىكى زېمىنى) بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي رىم يەنە ساردىنىيە ئارىلى بىلەن كورسىكا ئارىلىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارنىمۇ رىمنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218 - يىلى باشلانغان. رىم ئەسلىدە ئەسكەرلىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، بىر يولدا ئىسپانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، كارتاگنىڭ گاننىبالغا قوماندانلىق قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولغان، بىر يولدا سىتسىلىيە ئارقىلىق كارتاگنىڭ ئۆز زېمىنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. لېكىن گاننىبال ئالدىن قول سېلىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218 - يىلى ئەتىيازدا چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئالىپ تېغىدىن ئۆتۈپ تۇيۇقسىزلا ئىتالىيىدە پەيدا بولۇپ، رىملىقلارغا كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى202 - يىلى رىم ئارمىيىسى بىلەن گاننىبال كارتاگنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ساما دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلغان، گاننىبال تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم جەڭدە مەغلۇپ بولغان، ئۇ ئۆزى سۈرىيىگە قېچىپ كېتىپ، قايتا باش كۆتۈرمەكچى بولغان.
ساما ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە كارتاگ يەنە تەدرىجىي قايتا گۈللەنگەن. رىمدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر خاتىرجەم بولالماي، كارتاگنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن كارتاگ بىلەن قوشنا دۆلەت نۇمىدىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى149 - يىلى كارتاگقا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. كارتاگىئانلار بۇ چاغدا قىلچىمۇ تەييارلىقى بولمىغانلىقتىن، نۇمىدىيە كارتاگ شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. رىملىقلار كارتاگ شەھىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خارابىلىرىنى ساپان بىلەن ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كارتاگ رىمنىڭ ئافرىكا ئۆلكىسى بولۇپ قالغان، تالان - تاراجدىن كېيىن ئامان قالغان50 مىڭ ئاھالىسى پۈتۈنلەي قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن كارتاگ تارىختا يوقىلىپ كەتكەن.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىم بىلەن كارفاگېن ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەرب تەرىپىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. كارفاگېن (بۈگۈنكى تۇنىستا) سېستىمىسىدىكى پونىكلارنىڭ مۇستەملىكە رايونى (رىۋايەت قىلىنىشىچە مىلادىدىن 814 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان)مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ- Ⅴ ئەسىرلەردە غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كارفاگېن بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئاقىۋەتتە ئۈچ قېتىملىق زور كۆلەملىك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، رىملىقلار پونىكلارنى <پونى> (ئېيتىلىشچە <پالما خەلقى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق نام قويۇلغان. بىرىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 426 - 241)؛ دەسلەپتە سىتسىلىيە ئارىلىدا ئۇرۇش قىلىشىپ، رىم تەرەپ ئاسما كۆۋرۈكلۈك يېڭى كېمىنى ياساپ چىقىپ، دېڭىز ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ كارفاگېننىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇپ بولغان، يەنە ئايلىنىپ سىتسىلىيەدە ئۇرۇش قىلغاندا كارفاگېن مەغلۇپ بولغان؛ رىم سىتسىلىيە (سىراكۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئارالىنى تارتىۋېلىپ، كارفاگېندىن 3200 تارانتون تۆلەم ئالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، رىم كارفاگېننىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى ئىسيان كۆتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كورسكا ۋە ساردىنىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان (مىلادىدىن 238 يىل ئىلگىرى). ئىككىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 218 - 201)؛ كارفاگېننىڭ قوماندانى گاننىبالنىڭ ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ يىراققا سەپەر قىلىپ، ئىتالىيىگە بېرىشىدىن باشلانغان. تراسمېنۇس كۆلى ئۇرۇشى (مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى) ۋە كاننائې ئۇرۇشى (مىلادىدىن 216 يىل ئىلگىرى) دا رىم ئارقا - ئارقىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولغان، <ئىتتىپاقداش> شەھەرلەرمۇ ئارقا - ئارقىدىن يۈز ئۆرۈپ (كاپۇئانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.گاننىبال رىم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلماستىن، تايانچسىز قوشۇن بىلەنياقا ئەللەردە يۈرگەچكە، ياردەمچى قوشۇن ئۈزۈلۈپ قالغان. رىم ھەل قىلغۇچ جەڭدىن ساقلىنىپ، كۈچ توپلاپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 211 يىل ئىلگىرى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. مىلادىدىن 209 يىل ئىلگىرى رىم چوڭ سىكىپئونى قوشۇن تارتىپ ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىيقىسمىدىكى يېڭى كارفاگېنغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن. مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى بىۋاستە كارفاگېننىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغان. مىلادىدىن 203 يىل ئىلگىرى گاننىبال پەرمان بويىچە دېڭىزدىن ئۆتۈپ دۆلىتىگە قايتىپ تېزلىك بىلەن ياردەمگە كەلگەن، مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى زاما ئۇرۇشىدا كارفاگېن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنچى يىلى سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكەن؛ كارفاگېن چەت ئەلدىكى بارلىق زىمىنىدىن ۋاز كېچىپ، پەقەت 10 كېمىنىلا ئېپقېلىپ، ئارتۇقىنى تاپشۇرغان. رىمغا 10 مىڭ تارانتۇم تۆلەم تۆلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن رىمنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق بەلگىلەنگەن. كارفاگېن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى يوقاتقان. ئۈچىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 149 - 146)، رىم كارفاگېنىنى يوقىتىش غەرىزى بىلەن ئۇنىڭ غەربىي قوشنىسى نۇمىدىيانى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقاكۈشكۈرتكەن. ئاندىن كېيىن مىلادىدىن 201 يىلى ئىلگىرى يىلدىكى سۈلھ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ كارفاگېن شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان. كارفاگېنلىقلار دۆلىتىنى قەيسەرلىك بىلەن قوغدىغان. شەھەر ئىچىدە قەھەتچىلىك يۈزبىرىپ، ئاخىر كىچىك سىكىپئونى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان؛ ھايات قالغانلار قۇل قىلىنغان، كارفاگېن شەھىرى ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىنغان. رىم كارفاگېن خارابىسىنىڭ ئورنىغا <ئافرىقا ئۆلكىسى> نى قۇرۇپ، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.