Uyghur主要词典
پومپىدۇ
دۇنيا تارىخى
(1911 - 1974)، فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1969 - 1974). 1934 - يىلى پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن مارسېل ۋە پارىژ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944 - يىلى دېگولل ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ۋالىي بولغان. 1946 - 1954 - يىللاردا ئالىي مەمۇرىي سوتنىڭ دېلو تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى بولغان ھەمدە 1946 - 1947 - يىللاردا يەنە ساياھەت ئىشلىرى باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. مالىيە - پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە نام چىقىرىپ، روشىل مالىيە گۇرۇھنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان. 1958 - 1959 - يىللاردا دېگولل زۇڭلى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە ياردەملەشكەن. 1959 - 1962 - يىللاردا روشىل بانكىسىنىڭ باش جىڭلىسى بولغان. بۇ مەزگىلدە يەنە زۇڭتۇڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ، 1961 - يىلى ئالجىرىيە مىللىي ئازادلىق فرونتى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئالجىرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تۈزگەن. 1962 - 1968 - يىللاردا زۇڭلى بولغان. 1968 - يىلىدىكى <ماي بورىنى>دا ئىشچىلار ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، كىرىزىسنىڭ ھەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە دېگوللنىڭ سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1973 - يىلىجۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلغان. <برىتانىيىلىكلەر ئۈستىدە تەتقىقات>، <فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق شېئىرلىرىدىن تاللانما> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.