Chinese→Uyghur主要词典
婆罗浮奢
دۇنيا تارىخى
بورو بۇدۇر
مەنىسى <مىڭ بۇتلۇق مۇنار>. ھىدۇنېزىيە يوگياكارتا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىي تەرىپىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان بۇددا دىنى بىنكارلىق قۇرۇلۇشى. مىلادى 790 - 850-يىللاردا ئوتتۇرا ياۋادىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىنغانسايلېندرا سۇلالسى ياساتقان (بەزىلەر مىلاژى Ⅷ ئەسىردە ياسالغان دەيدۇ). ئېگىزلىكى 42 مېتىر. كېيىن يانار تاغنىڭ پارتلىشى بىەن تەدرىجىي كۆمۈلۈپ قالغان. 1814-يىلى يېڭىۋاشتىن تېپىلغان. ھازىرقى ئېگىزلىكى 3105 مېتىر، پۈتكۈل قۇرۇلۇش تاشتىن قويۇرۇلغان، ئىچى پۈتەي بۇددا مۇنارىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، تۆت چاسا شەكىللىك سۇپا ئاستىگە سېلىنغان، سىرتقى شەكلى پەلەمپەيسىمان كونۇسقا ئوخشايدۇ. جەمئىي 10 قەۋەت. ئاستىنقى ئالتە قەۋىتى تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 432 دانە بۇت تەكچىسى بار، ھەربىر تەكچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭلۇقتىكى ئولتۇرغان بۇ ھەيكىلىدىن بىرى بار. ئۈستۈنكى ئۈچ قەۋىتى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، جەمئىي 72 كىچىك مۇنار بار. ھەربىر مۇنارنىڭ ئىچىگە بىردىن بۇددا ھەيكىلى قويۇلغان؛ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى دىئامېتىرى 9.9 مېتىر كېلىدىغان قوڭغۇراق شەكىللىك چوڭ مۇناردىن ئىبارەت. ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدىغان تاش پەلەمپەي بار. بىرىنچى قەۋەتتىن بەشىنچى قەۋەتكىچە كارىدور تېمىغا بۇدانىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر قاتارىق ئويما سۈرەتلەر ۋە بۇددا سۈرەتلىرىدىن 2100 پارچىدىن ئارتۇق ئويۇلغان بولۇپ، <دايې يىللىرىدا رەتلەنگەن قىسىملىق سۇترا>، <لىتاۋستارا سۇترا>، <بۇددانىڭ يارالمىشى> قاتارلىق چوڭ بۇددا كلاسسىك كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. ئۇ بۇددا دىنىنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاش ئويمان سەنئەت خەزىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1973 - 1982-يىللىرى ب د ت مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىدە رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.