Uyghur主要词典
پولتاۋا جېڭى
دۇنيا تارىخى
شىمالىي ئۇرۇش مەزگىلى (1700 - 1721) دە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شۋېتسىيە ئارمىيسىگە قارشى ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جېڭى. 1709 - يىلى ئەتىيازدا شۋېتسىيە پادىشاھى كارلⅡⅩ باشچىلىقىدىكى ئارمىيە ئوكرائىنا قىشلىق جېڭىدىن كېيىن پولتاۋانى مۇھاسىرىگە ئېلىپ خاركوۋ، بېلگراد يولىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ، ئارقىدىنلا موسكۋاغا قىستاپ كەلگەن. 4 -، 6 - ئايلاردا پولتاۋانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى قوشۇن ياردەمچى ئارمىيىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى پېتېرا Ⅰ ھەربىي يىغىندا ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ جەڭ توغرىسىدا قارار چىقارغان. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى پاكوۋىچ يېزىسىغا (پولتاۋانىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا)كىرگەن. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تاڭ سەھەردە شۋېتسىيە ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان، بىر كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق شۋېتسىيە ئارمىيىسى يېڭىلگەن. كارل 12 ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قېچىپ كەتكەن. قالغان قوشۇنلىرى دېنپىر دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى پېرېۋولوچتا دېگەن جايدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان. شۇ قېتىمقى جەڭدە شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ 9000 ئادىمى ئۆلگەن، تەخمىنىەن 18 مىڭ ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن، 32 زەمبىرەك ۋە پۈتۈن قورال - يارىقى زىيانغا ئۇچرىغان؛ روسىيە ئارمىيىسىدىن 1300 دىن كۆپرەك ئادەم ئۆلگەن، 3200 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ روسىيە ئارمىيسى ستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، شۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ئورنىنى تەۋرىتىپ قويغان.