Uyghur←Chinese主要词典
پولشا ئىيۇل خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
波兰七月宣言
bō lán qī yuè xuān yán
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى، 1944 - يىل 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى پولشا مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئازاد بولغان شەھەر خېئومدا ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي كۈرەش پروگراممىسى. بۇ پروگراممىدا: مىللىي ئازادلىق كومىتېتى بىردىنبىر قانۇنىي ھۆكۈمەت بولىدىغانلىقى؛ پولشا سوۋېت ئىتتىپاقى، چېخوسلوۋاكىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنى پولشا زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى، خەلقنىڭ سۆزلەش، ئېتىقاد ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى؛ فاشىست جىنايەتچىلىرىنى قاتتىق جازالاپ، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى؛ يەر ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، زاۋۇت - كان، بانكىلارنىڭ دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار جاكارلانغان. 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كېيىن پولشانىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.