Uyghur←Chinese主要词典
پولى نوكلېئوتىد تېرامىسترانسىفېرازا
领域: بىئولوگىيە多聚核苷酸未端转移酶
duōjùhégānsuānwèiduānzhuǎnyíméi
بۇ ئېنزىم دې ئوكسى نۇكلېئوزىد ترى فوسفات (dNTp) نى ئاساسىي ماددا قىلىپ ئۇنى باشلامچى DNA نىڭ 3 - OH لىك ئاخىرقى ئۇچىغا تەدرىجىي قوشۇش بىلەن دې ئوكسى نۇكلېئوتىد زەنجىرىنى ئۇزارتىدۇ. يېڭىدىن تۈزۈلگەن DNA تەتقىقاتىدا دائىم بۇ ئېنزىمدىن پايدىلىنىپ ئۇلىنىدىغان ئۇچى قۇراشتۇرۇلىدۇ. پلازمىدنىڭ ئېچىلغان 3 - OH لىك ئىككى ئۇچىغا dT زەنجىرىنى قوشۇپ، قىسىلىپ كىرگەن سىرتقى مەنبەلىك DNA بۆلىكىنىڭ ئىككى ئۇچىغا dA زەنجىرىنى قوشۇپ، بۇ ئىككىسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، قىزىقى قايتۇرۇلسا، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ھالقىسىمان DNA گە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئايرىم - ئايرىم ھالدا dG زەنجىرى ۋە dC زەنجىرىنى قوشقاندىمۇ ئوخشاش رولى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، قوشۇشقا كېرەك بولىدىغان بۆلىكى 10 ھەسسە قىسقىرايدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。