Uyghur←Chinese主要词典
پۆپۈك قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتى
领域: بىئولوگىيە缨尾目
yīngwěimù
تىسانۇرا ئەترىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. كىچىك تىپتىكى، ئىپتىدائىي قاناتسىز ھاشارات. پۈتۈن تېنى يۇمشاق، بەدەن سىرتىدا تەڭگىچىلىرى بولىدۇ، رەڭگى كۈمۈش رەڭ، ئاق، قوڭۇر ياكى قارا بولىدۇ. ئېغىز ئاپپاراتى چاينىغۇچى ئاپپارات شەكلىدە، ئانتېننىسى يىپسىمان، كۆپ بوغۇملۇق، مۇرەككەپ كۆزى بار. قورساق قىسمى ئون بىر بوغۇم بولۇپ، ئىككىنچى بوغۇمىدىن سەككىزىنچى بوغۇمىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقانچە جۈپ يىڭنىسىمان ئۆسۈكچىسى، ئاخىرقى ئۇچىدا بىر جۈپ ئۇزۇن قۇيرۇق بۇرۇتچىسى ۋە بىر تال ئوتتۇرا قويرۇق يىپچىسى بولىدۇ. ئۇلار ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدە كونا كىتاب، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان كۈيە قۇرت كېچىسى ھەرىكەتلىنىپ، قەغەز، رەخت - پۈچەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ ئۆيلەردىكى مۇھىم زىيانداش ھاشاراتقا ئايلانغان. يەنە بەزى تۈرلىرى، دالادىكى دەرەخ قوۋزاقلىرى، دەل - دەرەخلەرنىڭ كامارلىرى ھەم كېسەك - تاشلارنىڭ ئاستىلىرىدا ياشايدۇ ياكى تاغلاردىكى خادا تاشلارنىڭ يوچۇقلىرىغا ماكانلىشىدۇ. مەسىلەن، تاش كۈيە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。