Uyghur←Chinese主要词典
پېلوپوننېس ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
伯罗奔尼撒战争
bó luó bēn ní sǎ zhàn zhēng
قەدىمكى گرېتسىيىدە سپارتا باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس ئىتتىپاقى بىلەن دېڭىزدا كۈچلۈك بولغان ئافىنا ئوتتۇرىسىدىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشى. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 - 421) دا سپارتا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پادىشاھ ئارخىدامنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئاتتىكاغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئافىناغا قىستاپ كەلگەن ھەمدە دېلوس ئىتتىپاقىدىكى ئىتىتپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغان. مىلادىدىن 430 - 429 يىل ئىلگىرى ئافىنادا ۋابا كېسىلى تارقاپ نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن (ئافىنا ھۆكۈمرانى پېرىكلىغىمۇ كېسەل - يۇقۇپ ئۆلگەن). بىراق ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى جەنۇبىي گرېتسىيە دېڭىز بيلىرى ئەتراپىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان. ئېلوتلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، سپارتامۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 421 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ <نىسىياس سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالاپ، ئۇرۇشنى توختاتقان. ئىككىنچى باسقۇچى (مىلادىدىن ئىلگىرى 415 - 404). ئافىنا ئالكىۋىد، نىسىياس قاتارلىقلاr باشچىلىقىدىكى قوشۇننى ھالاك بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سپارتانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئاتتىكاغا زو كۆلەمدە بېسىپ كىرىپ، ئافىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، لاۋرېئون كۈمۈش كېنىدىكى 20 مىڭ قۇل قېچىپ كەتكەن، دېلوس ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاقسۆڭەكلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تۇشمۇ تۇشتىن ئافىنانىڭ تىزگىنلىشىدىن خالاس بولغان. مىلادىدىن 114 يىل ئىلگىرى ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئولىگارىخ ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. كۈچ سېلىشتۇرمىسى بارغانسېرى ئافىناغا پايدىسىز بولۇپ قالغان. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇرۇش كېمىلىرىدىن مەھرۇم بولغان، گېنېراللىرى ئۆلتۈرۈلگەن، بىر قانچە مىڭ ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى دېڭىزدىكى ئۈستۈنلۈكى يەكسان چۈشكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى دېڭىزدىى ئۈستۈنلۈكى يەكسان قىلىنغان. سپارتا باش قوماندانى لېساندېر غەلىبسېرى ئىلگىرىلەپ، ئافىنا شەھىرىنى ئالغان. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان؛ 12 ھەربىي كېمىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، بارلىق ھەربىي كېمىلىرىنى سپارتاغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ ئافىنا شەھىرىدىن پىرېي پورتىغا قەدەر بولغان <ئۇزۇن سېپىل> چۇۋۇپ تاشلانغان؛ <دېلوس ئىتتىپاقى> تارقىتىۋېتىلىپ، ئۆزىنىڭ سىرتتىكى بارلىق زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش گرېتسىيە ئىگىلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىىققا ئۇچراتقان. زومىگەرلىك ھوقۇقى ۋاقتىنچە سپارتانىڭ قولىغا ئۆتكەن. مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى ئافىناغا سەرار بولغان فۇكېدىد ئۆزىنىڭ <پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى> ناملىق ئەسىردە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى (مىلادىدىن 411 يىل ئىلگىرى) تەپسىلىي خاتىرىلىگەن.