Uyghur←Chinese主要词典
پېلويئاننىس
دۇنيا تارىخى
贝劳扬尼斯
bèi láo yáng ní sī
(1915 - 1952) گېرتسىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومېتىتىنىڭ ئەزاسى (1950 - 1962)، قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلدىلا بىرىنچى تۈركۈمدىكى كوممۇنىزمچى ياشلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1934 - يىلى گرېتسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1934 - 1936 - يىللىرى پېلوپوننېس پارتىيە تەشكىلاتىىڭ رەھبىرى بولغان. كىشمىش ئىشلەپ چىقارغۇچىلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقتىن، قولغا ئېلىنغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتىد قانۇن ئوقۇغان. كېيىن ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقتىن، يەنە كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. 1943-يىلى نېمىس قوشۇنلىرى ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە، تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1943 - 1944 - يىللىرى گرېتسىيە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۈچىنچى كوروپۇسنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلى (1946 - 1949) دەپ، گرېتسىيە كومپارتىيىسى پېلوپوننېس تەشكىلاتىدا مەدەنىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، كېيىن ۋاقىتلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. 1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ، گرېتسىيە كومپارتىيىسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىپ كەتكەن. 1950-يىلى 6-ئايدا ئافىناغا يوشۇرۇن قايتىپ كېلىپ مەخپىي ئىنقىلابىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، 12 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.