Uyghur←Chinese主要词典
پىللىنتىس خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
庇尔尼茨宣言
bì ěr ní cí xuān yán
پرۇسسىيە - ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت كورۇللىرىنىڭ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنىلابىغا قوراللىق ئارىلىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان خىتابنامىسى. 1791 - يىلى 8-ئاينىڭ 25 - 27 - كۈنلىرى، ئاۋسترىيە ئىمپېراتورى لېئوپولد Ⅱ بىلەن پرۇسسىيە كورۇلى فرېدىرخ گىيۇللۇمېي Ⅱ بىلەن پرۇسسىيە كورۇلى فرېدىرىخ گىيۇللۇمېي Ⅱ ۋە قاچقۇن ئاقسۆڭەك گراف ئاتوۋلار پرۇسسىيىنىڭ پىللىنتىس قورغىنىدا كېڭىشىپ ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا فرانسىيە كورۇلىنىڭ تەختىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش، ئېلىزاس ئىشغالىيەت زېمىنىدا گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى كىنەز - ماركىزلىرىنىڭ فېئوداللىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان، ئەگەر بۇ تەلەپ رەت قىلىنىدىكەن، ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيىگە ئۇرۇش قىلىش تەكىتلەنگەن. خىتابنامە ياۋروپا ئەللىرى ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىدىكى سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.