Uyghur←Chinese主要词典
پلائۇتۇس
دۇنيا تارىخى
普拉图斯
pǔ lā tú sī
(تەخمىنەن مىلادى 184 - 254) قەدىمكى رىمنىڭ كومېدىيە يازغۇچىسى. ئىتالىيىدىكى سارسىنا دېگەن جايدا تۇغۇلغان، ئائىلىسى ناھايىتى نامرات ئۆتكەن. دەسلەپتە رىم تىياتىرخانىلىرىدا قوشۇمچە روللارغا چىققان، كېيىن سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ دەسمايىسىنىمۇ يەپ بولغان. بىر مەھەل مەدىكارچىلىق بىلەن جان باققان. رىم تىياتىرخانىلىرىغا قايتىپ كېلىپ دراما يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە يۇنانچە كومېدىيىلەرنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان. ئېيتىلىشىچە كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى بولسىمۇ، ھازىر پەقەت <ئانفېتىلۇئى>، <خىجىل بولماي پو ئاتىدىغان جەڭچى>، <ئەسىر>، <ئالۋاستى ئۆيى> قاتارلىق 21 پارچىلا ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان. سۇژىت ۋە ئۇسلۇبتا كۆپىنچە يۇنان كومېدىيە يازغۇچىسى مېناندوروسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەلىك بەك ئۇزۇن، تىلى جانلىق ۋە قىزىقارلىق، بەزىدە يەرلىك شېۋە لەھجىلىرىن ئارىلاشتۇرۇلغان، يۇمۇر ئىچىدە ئانچە - مۇنچە قوپاللىق بار. ئاساسەن شھەر پۇقرالىرىنىڭ كۆز قاراش ۋە قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بەزى يىرگىنچىلىك ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلەن: چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ كەيپ - ساپالىق تۇرمۇشى، جازانىخورلارنىڭ تويماسلىقى قاتارلىقلارنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى زامان كومېدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.