Uyghur←Chinese主要词典
پلات تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى
领域: دۇنيا تارىخى普拉特修正案
pǔ lā tè xiū zhèng àn
ئامېرىكا كۇبانىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مەجلىسىگە مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغان قۇل قىلىش خاراكتېرلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھى. 1901-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى پلات (1827 - 1905) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنى ئاساسىي مەزمۇنى: كۇبا ئامېرىكىنىڭ رۇخسىتىسىز چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالىمايدۇ ياكى پۇل قەرز ئالمايدۇ؛ ئامرىكا كۇبادا ھەربىي پورت ياساش، كۆمۈر قاچىلاش پونكىتىنى ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسى قاتارلىقلارنى ئىجارىگە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كۇبا بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇنى كۇبا ئاساسىي قانۇنىغا قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. كۇبا خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا 1934-يىلى مەزكۇر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كۇبانىڭ گۇەنتانامودىكى ھەربىي بازىسىنى ساقلاپ قالغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。