—参考资料
پۇل مۇئامىلە دوكۇمېنتى ئالدامچىلىقى جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئىشلىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئومۇمنىڭ ۋە شەخسنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە دوكۇمېنتلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2.ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇلى تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئىشلىتىپ، دوكۇمېنت ئالدامچىلىقى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
مەزكۇر كىتابنىڭ 144 - بېتىدىكى <چەك - ھۆججەت ئالدامچىلىقى جىنايىتى> نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىدىن پايدىلىنىڭ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) شەخس 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە دوكۇمېنتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛
2) ئورۇن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە دوكۇمېنتىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。