Uyghur主要词典
پىكىر تەرەپدارلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈنئىي مەزھىپىدىكى فىقھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى بارلىققا كەلگەن، دەسلەپكى مەزگىللەردە جايلارنى ئاساس قىلغان فىقھە ئېقىملىرى ئىچىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە فىقھە ئىدىيىۋى خاھىشىدىن ئىبارەت. بۇ ئېقىم ئىدراكنىڭ مۇھىم ئورنىنى تەكىتلىدى. فەقىھلەر ۋە شەرىئەتنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئەھكام چىقىرىش ئاساسى قىلىپ، ئۇنى <قۇرئان كەرىم> بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ھەق تەلەپ ماجرالىرى كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. كىتابتا ئېنىق ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا ساھابىلار ئۆز پىكرى بويىچە ئىجتىھاد قىلدى، پەتىۋالارنى چۈشەندۈردى. ھەق تەلەپ ماجرالىرىنى ھەل قىلدى، دۆلەت ۋە دىنغا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر دېلولارغا پىكىر بويىچە ھۆكۈم چىقارغان، ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە مەشھۇر ھۆكۈم ئۈلگىلىرىنى قالدۇرغان. كېيىن ئىبنى مەسئۇدىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىراقنىڭ كۇفە، بەسرە قاتارلىق جايلىرىدا پىكىر ھۆكۈمى كۈنسايىن ئومۇملاشتى. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، دەسلەپكى چاغلاردىكى فىقھە تەرەپدالىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، پىكرى ھۆكۈملىرى تېخىمۇ ئومۇملىشىپ، فىقھە تەلىماتلىرىنى ئىجتىھاد قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ھەر بىر فەقىھ پىكىر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى شەرىئەت تۈزۈملىرى ئۈستىدە ئەركىن مۇھاكىمە قىلسا بولىدىغان بولدى. ھەنەفىيەنىڭ ئاساسچىسى ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈف، مۇھەممەد شەھبانىلار پىكرى تەرەپدارلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىكى تەرەققىيات داۋامىدا ئۇلار <ھەدىسچىلەر> تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالدى. Ⅸ ئەسىردىن كېيىن، ئىمام شافىئىيىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق فىقھە نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، پىكىر تەرەپدارلىرى تەشەببۇس قىلغان پىكىرىگە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىش نەزەرىيە جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ھەدس رىۋايىتى سۈپىتىدە بايان قىلىنمىغان بەزى ھۆكۈملەر ئىستىھسان پرىنسىپى بويىچە، جامائەت ئېتىراپ قىلغان قىياس پرىنسىپىدىن مۇستەسنا ساقلىنىپ قالدى.