Chinese→Uyghur主要词典
平民党
دۇنيا تارىخى
پۇقرالار پارتىيىسى
خەلق پارتىيىسى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى دېھقانلارنى ئاساس قىلغان سىياسىي پارتىيە. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكىدا ئىككى چوڭ دېھقانلار تەشكىلاتى يەنى: مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ھەر قايسى شتاتلارغا مەركەزلەشكەن <مەملىكەتلىك دېھقانلار ئىتتىپاقى> (<غەربىي شىمال ئىتتىپاقى> مۇ دېيىلىدۇ) بىلەن ئاساسلىقى جەنۇبتىكى <دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقى> (دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە سانائەتچىلەر بىرلەشمە ئىتتىپاقى< )>جەنۇب بىرلەشمە ئىتتىپاقى< دەپمۇ ئاتىلىدۇ( بارلىققا كەلگەن. 1891-يىلى ئىككى تەشكىلات بىرلىشىپ ئۈچىنچى پارتىيىنى قۇرۇشنى غۇلغۇلا قىلغان، 1892-يىلى 7-ئايدا نېبراسكادىكى ئوماخا يىغىنىدا پۇقرالار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ھەمدە زۇڭتۇڭ نامزاتى ۋە سىياسىي پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆمۈريول ۋە تېلېگرام، تېلېفون قاتارلىق جامائەت ئىشلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئەركىن ھالدا كۈمۈش ئاقچا قۇيۇپ، پۇلنى كۆپەيتىپ تارقىتىش، دېھقانچىلىق قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ يەر زېمىنىنى ئىگىلىشىنى مەنئى قىلىش، پروگرېسسىيىلىك تاپاۋەت بېجى يىغىش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ۋە پالاتا ئەزالىرىنى بىۋاسىتە سايلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1896-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ يەنە مەغلۇپ بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خارابلاشقان.