Chinese→Uyghur主要词典
平将门
دۇنيا تارىخى
تائىرا ماساكادو
(؟ - 940) ياپونىيىنىڭ ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئۆتكەن ھەربىي قوماندان. ئۇنىڭ بوۋىسى تېننو كاممۇ (806 - 737) نىڭ چەۋرىسى گاۋۋاڭ خان بولۇپ، كاممۇتائىرا دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاتىسى شىمالدىكى شايىلارنى باستۇرغۇچى باسقاۋۇل مەھكىمىسىنىڭ سىياگۇنى تائىراماسا. كانتونىڭ شىموئاسا رايونى ئەنئەنىۋى كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بولغان. مىلادىن 935-يىىل (چڭ پىڭ 5-يىلى) چوڭ ئاتىسى تائىرا كۇنىكا قاتارلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كۇنىكانى ئۆلتۈرگەن. بىرىنىڭ ئوردىغا چېقىپ قويۇشى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كۇنىكانى ئۆلتۈرگەن. بىرىنىڭ ئوردىغا چېقىپ قويۇشى بىلەن پايتەختكە چاقىرتىلغان؛ 937-يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ يۇرتىغا قايتقان. 939-يىلى (تيەنچىڭنىڭ 2-يىلى) يەنە گېنىچى تەرىپىدىن ئىسيان كۆتۈرمەكچى دەپ چېقىمچىلىق قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن خىتاچى (بۈگۈنكى ئىباراكى ناھىيىسى) پۇقرالىرىنىڭ ئولپان تاپشۇرمىغانلىقىنى قانات ئاستىغا ئالغانلىقتىن، خىتاچى تەرتىپ ساقلاش ئورنى بىلەن قارشىلىشىپ ئەسكەر باشلاپ خىتاچى تەرتىپ ساقلاش ئورنىنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان، ئۆزىنى يېڭى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، شىمو ئۇسانىڭ ساشما ۋىلايىتىدىكى ئىشئى يېزىى (بۈگۈنكى ئىباراكى ناھىيىسىنىڭ ئىۋائى شەھىرى) دا شاھ ئوردىسى ياسىتىپ، مۈلكىي ۋەھەربىي ئەمەلدارنى تەيىنلىگەن. 940-يىلى كونىكانىڭ ئوغلى كايسادا باشقا ئاقسۆڭەك بايلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنى باستۇرغان. بۇ تارىختا <تائىراماساكادو توپىلىڭى> دەپ ئاتالغان. لېكىن خەلق ئارىسىدا ئىلاھ سۈپىتىدە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن.