Chinese→Uyghur主要词典
平衡觉
پسىخولوگىيە
تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى
بۇ باش ۋە گەۋدىمىزنىڭ بوشلۇقتىكى ھالىتىنى بىلىش، تەڭپۇڭلۇق (مۇۋازىنەت) نى ساقلاش سەزگۈلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ستاتىك (CMAMUK ) سەزگۈ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىنىڭ ئۈنۈملۈك غىدىقلىغۇچىسى بېشىمىزنىڭ تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى بىلەن گەۋدىمىز ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر، ئۇنىڭ رىتسىپتۇرى ئىچكى قۇلاقتىكى سۆڭەك ئېزىتقۇ يولى دالانچىسى ۋە ئىچكى قۇلاقتىكى ئېندۇلىمفا (ئىچكى لىمفا) دەپ ئاتىلىدىغان سۇيۇقلۇق بىلەن تولغان يېرىم دائىرە كاناللاردىن ئىبارەت. بېشىمىزنىڭ ھالىتى ياكى گەۋدىمىزنىڭ ھالىتى ئۆزگەرگەندە، ئۈچ دانە يېرىم دائىرە كانال ئىچىدىكى ئىندۇلىمفا يۇزىنىڭ تەكشىلىكى ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامپۇللا قىسمىدىكى تۈكلۈك (كىرپىكلىك) ھۈجەيرىلەردە ئوخشاشمىغان غىدىقلىنىش پەيدا بولىدۇ. قۇلاق تېشىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئۆزگەرسىمۇ، دالانچە ئەزالىرىدىكى تۈكلۈك ھۈجەيرىلەردە ئوخشاشمىغان غىدىقلىنىش پەيدا بولىدۇ، تۈكلۈك ھۈجەيرىلەر غىدىقلانغاندا، ئۇنىڭغا تۇتاشقان نېرۋا تالالىرىدا قوزغىلىش پەيدا بولىدۇ. بۇ قوزغىلىش چوڭ مېڭىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا يەتكۈزۈلگەندە تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى ھاسىل بولىدۇ. بۇ كىچىك مېڭە بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىنىڭ مەركىزى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قايسى يېرىدە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى مۇسكۇللارنىڭ جىددى ھالەتكە كېلىش دەرىجىسىنى تەڭشەش، بەدەننىڭ ئۆز - ئۆزىدىن جىددىيلىك ھالىتىنى ساقلاش، مەلۇم خىلدىكى قىياپەتنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى بەك ئۆتكۈرلەشكەن ياكى بەك گاللاشقان كىشلەر ئاۋىئاتىسىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىقلىشالمايدۇ. تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىنى تەتقىق قىلىش ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز قاتنىشى، تەنتەربىيە (سۇغا سەكرەش، پاراشوت بىلەن سەكرەش، گىمناستىكا، يېنىك ئاتلىتكا، سېرىكچىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىنى تەتقىق قىلىش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: )1( دالانچىنىڭ ئورۇنلىشىش رېئاكسىيىسى يەنى يۇقىرىدىن سەكرىگەندە بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ساقلىنىش سەزگۈسى؛ )2( ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزىلىشىش رېئاكسىيىسى، يەنى ئايرۇپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى ھەم پاراشوتتىن سەكرەش ۋاقتىدىكى سەزگۈ، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ۋاقتىدىكى ئېغىرلىق يوقاش جەريانىدا ۋە يۇقىرى ئۆرلەش، پەسكە چۈشۈش ۋاقتىدىكى ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش جەريانىدىكى سەزگۈ؛ )3( باش قېيىش رېئاكسىيىسى قاتارلىقلار. بۇ سەزگۈلەر مەخسۇس مەشىق ۋە تۇرمۇشتا تاۋلىنىش ئارقىلىق ماسلىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، باش بىلەن گەۋدە تېز ئايلانغاندا تېزلىشىش بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۆز ئالمىسىنىڭ تىترىشى كېلىپ چىقىدۇ. ئايلىنىش بىر خىل تېزلىك بىلەن داۋام قىلسا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆز ئالمىسىنىڭ تىترىشى توختايدۇ. تېزلىنىش بىردىنلا توختىسا كۆز ئالمىسىنىڭ ھەرىكىتى يەنە باشلىنىدۇ. لېكىن يۆنۈلۈشى ئەكسىچە بولىدۇ. تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن بولغان سۇ تاشقى قۇلاق ئىچىگە كىرگۈزۈلسىمۇ، كۆز ئالمىسىدا بىر مىنۇتچە تىترەش بولىدۇ، تېببىي ساھەدە كۆز ئالمىسىنىڭ تىترەش ۋاقتىنىڭ داۋاملىشىشىغا قاراپ ئېزىتقۇ يولىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىگە باھا بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىنىڭ سەۋىيىسى مۆلچەرلىنىدۇ.
مائارىپ
píng héng jiào
تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسىDتېببىي
píng héng jiào
تەڭپۇڭلۇق سېزىمىDتەنتەربىيە
píng héng jiào
تەڭپۇڭلۇق سېزىمى