Chinese→Uyghur主要词典
平等派密谋
دۇنيا تارىخى
باراۋەرچىلەرنىڭ سۇيىقەستى
فرانسىيە نازارەتچى ھۆكۈمەت دەۋرىدە بابېق يېتەكچىلىك قىلغان باراۋەرچىلەرنىڭ سۇيىقەستلىك پائالىيىتى. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، بابېق بىر مەزگىل قولغا ئېلىنىپ (1795 - يىلى 2-ئايدىن 10-ئايغىچە)، تۈرمىدە باراۋەرچىلەر تەلىماتىنى شەكىللەندۈرگەن. قويۇپ بېرىلگەندن كېيىن <باراۋەرچىلەر جەمئىيىتى> بىلەن قوزغىلاڭ كومىتېتى <ئىنقىلابىي ئالاقىچى> ئارقىلىق، مەخپىي شەكىلدە قاتلاملار بويىچە سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ، مەقسەتنى يەتكۈزۈپ، ئاددىي پۇقرالارنى قوزغىغان. 1796-يىلى 4-ئايدا مارشال (1750 - 1803) تەييارلىغان. <باراۋەرچىلەر خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلىپ، <ئۆلسەك ئۆلىمىزكى، ھەقىقىي باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىمىز> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان، مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، باراۋەرلىك جۇمھۇرىغا ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، باراۋەرلىك جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 5-ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، خائىنلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن بۇ تەشكىلات ئون كۈندە ۋەيران قىلىنغان. 1797 - 1797( قەتلى قىلىنغان.