Chinese→Uyghur主要词典
皮层
ئۇنىۋېرسال
pí céng
پوست؛ پوستلاق قەۋەت
Dتېببىي
pí céng
پوستلاق قەۋىتىDئۆسۈملۈك
pí céng
پوستلاق
بىئولوگىيە
قوۋزاق قەۋەت
يىلتىز، غول قاتارلىق ئورگانلاردىكى ئېپىدېرما بىلەن ئوتتۇرا ئوق ئارىلىقىدىكى قىسىم. ئۇ ئاساسەن شالاڭ تىزىلغان كۆپ قەۋەت نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلىدۇ. تەركىبىدە قېلىن بۇلۇڭلۇق توقۇلما، قېلىن پوستلۇق توقۇلما ياكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىلارمۇ بولىدۇ. قوشۇمچە قوغداش ۋە زاپاس ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. يىلتىزنىڭ قوۋزاق قەۋىتى بىرئاز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. دەسلەپكى تۈزۈلۈشىنىڭمۇ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىشى رەتلىك ۋە زىچ بولۇپ، سىرتقى قوۋزاق قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېپىدېرما تۆكۈلۈپ كەتكەندە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت ھۈجەيرىلەر ئىچكى قوۋزاق قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئالاھىدە تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىگە ئىگە. غولنىڭ قوۋزاق قەۋىتى يىلتىزنىڭكىدەك تەرەققىي قىلمايدۇ، بىراق تەركىبى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن باشقا، سىرتقى قوۋزاق قەۋىتىدە قېلىن بولۇڭلۇق توقۇلما بولىدۇ ھەمدە قېلىن پوستلۇق توقۇلما بىلەن ئارىلىشىپ تۇرىدۇ. سىرتقى قوۋزاق قەۋەتتىكى قېلىن پوستلۇق ھۈجەيرىلەردە خلوروپلاست بولىدۇ. ئىچكى قوۋزاق قەۋىتى روشەن بولمايدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى قوۋزاق قەۋەت بىلەن پورنىڭ چېگرىسى ئېنىق بولمايدۇ. ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ۋە يىلتىزى توملاشقاندا قوۋزاق قەۋىتى سويۇلۇپ بارىدۇ.