Uyghur←Chinese主要词典
پياگېت
پسىخولوگىيە
皮亚杰
pí yà jié
شۋېتسارىيىلىك پسىخولوگ، بىلىشنىڭ پەيدا بولۇشى نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىجادىي يوسۇندا تەتقىق قىلىش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. ئۇ، بالىلار ئەقلىنىڭ تەرەققىياتى، ئىندىۋىدنىڭ پەيدا بولۇشى نۇقتىسىدىن ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىپ، بىلىشنىڭ پەيدا بولۇشى نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغان. جەنۋە ئىلمىي ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ داڭلىق بالىلار پسخولوگى ۋە تەرەققىيات نەزەرىيىچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۇزۇن مەزگىل جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بەرگەن ۋە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روسو تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولغان. خەلقئارا پسىخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى خەلقئارا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كۆپلىگەن مۇكاپات ۋە ئىلمىي ئۇنۋانلارغا ئىگە بولغان. ئۇ ئىلگىرى شۋېتسارىيىنىڭ نېنچاتىل (Nenchatel) ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۇقوۋاتقان چاغدا پەلسەپە، بىئولوگىيە، پسىخولوگىيە ۋە لوگىكىنى ئۆگىنىشكە بەكمۇ قىزىققان بولۇپ، كېيىن ئۇ ئېكىسپېرمېنتال پسىخولوگىيە تەتقىقاتى، روھىي كېسەللىكلەر داۋالاش ۋە بالىلار ئۈستىدە پسىخىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. مانا بۇلار ئۇنى كەڭ، چوڭقۇر بىلىم ئاساسىغا ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە قىلغان، شۇنىڭدەك كېيىنكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئۇ سۆھبەتلىشىش بىلەن مەشغۇلاتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ماتېماتىكا ۋە لوگىكىنى قورال قىلىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ، بالىلار تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بالىلارنىڭ سوبيېكتىپ بىلىم قۇرۇلمىسى (بىر خىل فورمىدىكى ھېسابلاش قۇرۇلمىسى) بىلەن تاشقىرىدىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ قارىغان. ئۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا بولغان تەسىرىنى تەكىتلەپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ھېسسىيات تەرەققىياتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىگىمۇ دىققەت قىلغان. ئۇ، بالىلار تەپەككۇرى تەرەققىياتىنى تۆت ياش باسقۇچىغا بۆلىدۇ : ئىدراكىي ھەرىكەت باسقۇچى، ھېسابلاشتىن ئىلگىرىكى باسقۇچ، كونكرېت ھېسابلاش باسقۇچى، فورمال ھېسابلاش باسقۇچى. ئۇنىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بالىلار تەپەككۇرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۆپ خىل نۇقتىدىن تەتقىق قىلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 50 خىل ئەسىرى نەشىر قىلىنغان. تەتقىقات نەتىجىلىرى غەربنىڭ ھازىرقى زامان بالىلار پسىخولوگىيىسى، تەرەققىيات پسىخولوگىيىسى ۋە مائارىپ پسىخولوگىيىسىدە زور تەسىرات پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى «بالىلار پسىخولوگىيىسى»، «بىلىشنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى»، «بالىلارنىڭ تىلى ۋە تەپەككۇرى» قاتارلىقلاردۇر.