Uyghur主要词典
پېگو خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
خانتۋاد خاندىلىقى دەپم ئاتىلىدۇ. ⅩⅢ - ⅩⅥ ئەسىرلەردىكى بىرمىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مونىسلارنىڭ فېئودال خاندانلىقى. 1287 - يىلى ۋارېرۇ تۆۋەنكى بىرمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن قۇرۇلغان. 1287 - 1363 - يىللىرى سالۋىن دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىكى مارتابان شەھىرى پېگۇ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. شۇڭا مارتابان دۆلىتى دەپمۇ ئاتالغان. 1370 - يىلى پايتەختنى پېگۇغا كۆچۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، بارا - بارا پېگۇ خاندانلىقى دەپ ئاتىلىپ قالغان، دازادارىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى (1385 - 1423) يۇقىرى بىرمىدىكى ئاۋا سۇلالىسىنىڭ 40 يىلىق (1386 - 1425) ئۇرۇشى باشلانغان، ئادەتتە بىرما تارىخىدا <40 يىللىق ئۇرۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. ئايال پادىشاھ شىنساۋبۇ تەختتىكى مەزگىللىرى (1453 - 1472) تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە تەرەققىي تاپقان، پايتەخت رانگون رويدىگۇڭ ئالتۇن مۇنارى ياسالغان. ئىتالىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۇنىڭ تەۋەلكىگە كەلگەن. 1539 - يىلى تونگۇ خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.