Uyghur主要词典
پەتىۋا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
فىقھە ئاتالغۇسى. نوپۇزلۇق فەقىھلەر (مۇپتى، باش مۇپتى، مۇجتەھىد قاتارلىقلار) نىڭ قازى ياكى شەخسلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى مۇھىم شەرىئەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان رەسمىي قاراشلىرىنى ھۆكۈمنىڭ ئاساسى ياكى مۇسۇلمان شەخسنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قائىدىسى قىلىشقا بولىدۇ. پەتىۋا بۇرۇن ئاغزاكى شەكىلدە ئېلان قىلىناتتى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توپلاپ كىتاب قىلىنىپ، مەھكىمە شەرئى سورىقىدىكى ھۆكۈمنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىندى. پەتىۋا چىقىرىش فىقھە ئەمەلىيىتىدە ھەمىشە قوللىنىلىدىغان ئۆزىنى تەڭشەش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، فىقھە گەۋدىسىنى تۈزىتىش، تولۇقلاش ئارقىلىق فىقھەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
بىرەر چىگىش، مۈشكۈل مەسىلىلەرگە قارىتا شەرىئەت ۋە قانۇنغا ئاساسەن دىنىي ئۆلىمالار تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان خۇلاسە؛ قارار، ھۆكۈم.
پەتىۋا چىقارماق.