Uyghur←Chinese主要词典
پەردە پوتېنسئالى
پسىخولوگىيە
膜电位
mó diàn wèi
جانلىقلار ھۈجەيرىسى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردىگە ئورالغان بولىدۇ. بۇ ھۈجەيرە پەردىسنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى ئىككى يېنىدا پوتېنسىئال پەرقى بولىدۇ. مۇنداق پوتېنسىئال پەرقى ئادەتتە « پەردە پوتېنسئالى » دەپ ئاتىلىدۇ. مۇسكۇل، نېرۋا ۋە باشقا ھۈجەيرىلەردە قوزغىلىش بولمىغان ( جىم تۇرغان ) دا پەردە ئىچى ۋە سىرتىدا پوتىنسئال پەرقى پەيدا بولىدۇ، پەردە ئىچىدىكىسى مىنۇس (-)، پەردە سىرتىدىكىسى پىلۇس(+) بولۇپ « تېنچ ( پەردە ) پوتېنسىئالى» دەپ ئاتىلىدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار نېرۋا تالاسىنىڭ تىنچ تۇرغاندا پەردە بىلەن چېگرىلىنىپ شەكىللەنگەن ئىچكى تەرىپى مىنوس (-)، سىرتقى تەرىپى (+) لۇق ھالەت « قۇتۇپلانغان ھالەت » ياكى ( قىسقارتىپ ) قۇتۇپلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ، قوزغىلىشچان ھۈجەيرە ( نېرۋا ھۈجەيرىسى ياكى مۇسكۇل ھۈجەيرىسى ) غىدىقلىنىپ قوزغىلىش پەيدا بولغاندا، تىنچ پوتېنسىئال نېگىزىدە بىر قېتىم قىسقا ۋاقىتلىق تارقىلىشى مۇمكىن بولغان پوتېنسىئال ئۆزگىرىشى بولىدۇ،بۇ، « ھەرىكەتتىكى پەردە پوتېنسىئالى » ياكى « ھەرىكەت پوتېنسىئالى » دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەخمىنىي جەريانى : نېرۋا تالاسىدا قوزغىلىش بولغاندا، پەردە ئىچىدىكى مىنوس پوتېنسىئال دەرھال يوقىلىپ ( قۇتۇپلىنىش تۈگەپ ) پەردە پوتېنسىئالىدا تەتۈر بۇرۇلۇش بولىدۇ. تىنچ ۋاقتىدىكى ئىچكى تەرەپتە مىنۇس، سىرتقى تەرەپتە پىلۇس بولۇش ھالىتى ئىچكى تەرەپتە پىلۇس (+)، سىرتقى تەرەپتە مىنۇس (-) بولۇش ھالىتىگە ( « تەتۈر قۇتۇپلىنىش » ياكى « ئۇلترا نۇرلىنىش » قا ) ئۆزگىرىدۇ. بۇ ھەرىكەت پوتېنسىئالنىڭ كۆتۈرلۈشى بولۇپ، كۆتۈرۈلۈش ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن دەرھال پەسىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تىنچ پوتېنسىئالنىڭ ئەسلى سەۋىيىسىگە كېلىدۇ ( قايتا قۇتۇپلىنىدۇ )، مانا بۇ ھەرىكەت پوتېنسىئالنىڭ پەسىيىشىدۇر. پۈتۈن ئۆزگىرىش جەريانى سخېمدا قىسقا ئەمما ئۆتكۈر ئىمپۇلىس پەيدا قىلىپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرىكەت پوتېنسئالى يەنە « پوتېنسىئال چوققىسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پوتېنسئال چوققىسىنىڭ پۈتۈن ئۆزگىرىش جەريانى بىر مىللى سېكونت داۋام قىلىدۇ. پوتېنسىئال چوققىسى تامامەن ئەسلىگە كېلىپ تېنچ پوتېنسىئال سەۋىيىسىگە كېلىشتىن ئىلگىرى، پەردە پوتېنسىئالىدا يەنە بىر ئاز ئۇششاق، ئاستا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، مانا بۇ « كېيىنكى پوتېنسىئال » دەپ ئاتىلدۇ ( قالدۇق پوتېنسىئالمۇ دېيىلىدۇ). پوتېنسىئال چوققىسىدىن كېيىن يۈز بەرگىنى « مىنوس كېيىنكى پوتېنسىئال »( يۆنىلىش پوتېنسئال چوققىسىغا ئوخشاش )، داۋاملىشىش ۋاقتى 15 مىللى سىكۇنت، چوڭلۇقى پوتېنسىئال چوققۇسىنىڭ %6_5 ىگە توغرا كېلىدۇ، مىنۇس كېيىنكى پوتېنسىئال ئارقىسىدىنلا يۈز بېرىدىغىنى « پىلۇس كېيىنكى پوتېنسىئال » ( يۆنىلىش پوتېنسىئال چوققىسىنىڭ تەتۈرىسىچە ) بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭلۇقى پوتېنسئال چوققىسىنىڭ %0.2 ىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن داۋاملىشىش ۋاقتى 80 مىللى سېكۇنت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. بەزىلەر « پوتېنسىئال چوققىسى » بىلەن « قالدۇرق پوتېنسىئال »نى بىرلەشتۈرۈپ « ھەرىكەت پوتېنسئالى » دەپمۇ ئاتايدۇ.