Uyghur主要词典
پەننىي ئۇقۇم
پسىخولوگىيە
( ئىلمىي ئۇقۇممۇ دېيىلىدۇ ) بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللانغان ئۇقۇملاردىن پەرقلىق بولۇپ، مەخسۇس ئۇقۇتۇش ياكى كىتاب، گېزىت _ ژورناللاردىن ھاسىل قىلىنغان ئۇقۇمدىن ئىبارەت. بۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن قانۇنىيىتى ئەكس ئەتكەن ئۇقۇمدۇر. پەننىي (ئىلمىي) ئۇقۇم كىشلەر تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە نەزەرىيۋى بىلىملىرى نېگىزدىن ئابىستراكىتلاش، ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق، تار تەجرىبە بىلىملىرى چېكىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ ھاسىل قىلغان ئەقلىي بىلىشتۇر، ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇقۇمنىڭ مېغىزىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.