Uyghur主要词典
پەنجە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قول، بارماق، چاڭگال:
پەنجەڭنى كۆرەر ئېسەم، بەناگاھ،
قىلغۇمدۇر خەيال ئەللاھ.
ئەرشى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
گىلەم توقۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن يۇڭ يىپنى چىڭىتىدىغان سايمان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قولنىڭ بارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى، بارماق.
قولنىڭ پەنجىسى.
بەزى ھايۋان ۋە قۇشلار ئايىغىنىڭ ئۈچ قىسمى؛ چاڭگال، تىرناق.
بۈركۈت تۈلكىنى پەنجىسى بىلەن قارماپ مىنىۋالدى.
گىلەم توقۇشتا ئارقاققا ئۆتكۈزۈلگەن يۇڭ يىپنى چىڭدايدىغان تۇتقۇچلۇق، تارغاقسىمان تۆمۈر ئەسۋاب؛ دەستىگاھ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە مەنسۇپ يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. غولىنىڭ ئەۋرىشىم قىسمىدىن تالا چىقىرىشقا بولىدۇ. قەغەز ئىشلەشكە خام ئەشيا ۋە تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز
ئورۇلغان بۇغداي، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئارا بىلەن بىر قېتىم كۆتۈرۈشكە بولىدىغان دوۋىسى. بىر پەنجە يانتاق.