Uyghur←Chinese主要词典
پەنجاپ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
旁遮普
páng zhē pǔ
ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پەنجاپ شىتاتى بىلەن پاكىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ نامى. بۇ جايلار ئەسلى بىر پۈتۈن پەنجاپ نامى بىلەن ئاتىلاتتى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىلىپ ئايرىم دۆلەت بولغاندىن كېيىن، ئىككىلا دۆلەتتە پەنجاپ شتاتى ھەم ئۆلكىسى بارلىققا كەلدى. بۇ ئىككى ئورۇن جايلاشقان تۈزلەڭلىكىمۇ پەنجاپ تۈزلەڭلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. <پەنجاپ> دېگەن نام پارىسچە <پەنچ> (بەش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) ۋە <ئاب> (سۇ دەريا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) سۆزلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، <بەش دەريا> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ساتلېج، چېناب، راۋى، بېئاس، جېھلىمدىن ئىبارەت بەش تارماق دەريا رايونى <پەنجاپ> دەپ ئاتالغان. بۇ بەش دەريا ئېقىپ ئۆتكەن رايونلارمۇ پەنجاپ دەپ ئاتالغان.
تارىخ,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
旁遮普
páng zhē pǔ