Uyghur主要词典
پەلەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويۇلغان تارتىقۇلۇق.
ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا، تەغدىرنى ئۇجۇقتۇر، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل. گەر كەلتۈرەر بولسا ساڭا خىجالەت، ھېچ نەرسە قالدۇرما، ئۆلۈم بىر قىسمەت. پەلەك باتۇرغا باقار. پەلەك ئاۋۋال كور قىلار ئەقىل كۆرزىنى، كېيىن جايلار ئارقىللارنىڭ ئۆزىنى. پەلەككە تەڭرىدەك ھۆكمىم ئۆتكۈزسەن، پەلەكنى قىلاتتىم دۇنيانى بەرھەم، يىڭىدىن شۇنداق بىر پەلەك تۈزەتتىم، ياخشىلار تىلەككە يېتەتتى شۇ دەل. ئۇ ئىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۆز پېشانەمدىن كۆرىمەن، خەلققە ئارتىمەن. چېكەڭگە چۈشسە چەكچەيمە.
شىۋىلەر
قوغۇن، تاۋۇز، كاۋا قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى (بەزى جايلاردا «پەلەز» دېيىلىدۇ).
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ساغرا، كاسا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يەردىن گۈمبەز، قازان شەكلىدە بولۇپ كۆرۈنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى؛ ئاسمان، كۆك.
پەلەككە تۇتاشماق. پەلەككە يەتمەك.
كۆچمە. تەقدىر، قىسمەت.
شۇم پەلەك.
- ھەي ۋاپاسىز پەلەك! - دەپ خىتاب قىلغانىدى مەھمۇت.