Uyghur←Chinese主要词典
پەكسۇنگاڭ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
白村江之战
bái cūn jiāng zhī zhàn
پەكگاڭكۇ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىللا بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىرلىشىپ پېكچې بىلەن ياپونىيە بىرلەشمە قوشۇنىغا زەربە بەرگەن ئۇرۇش، چاۋشيەندىكى ئۈچ خانلىق دەۋرىدە كوگۇريو خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغان. سىللا پېكچېنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. پېكچې كوگۇريو خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 660 - يىلى (سىللا ۋۇلېي خاننىڭ 7 - يىلى، پېكچې يى سى خاننىڭ 20 - يىلى، تاڭسۇلالىسى بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپدىن يوقىتىلغان. پېكچې خانلىقىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن فۇشىن قاتارلىق كىشىلەر پېكچې خانلىقىنى باشقىدىن تىكلەش ئۈچۈن جۇليۇ شەھىرى )بۈگۈنكى خانسەن( نى قايتۇرۋالغان ھەمدە ياپونىيىگە گۆرۈگە ئېلىپ كېتىلگەن پېكچې خانلىقىنىڭ خانزادىسى فۇيۈفۇڭ )يىسى خانىنىڭ 2 - ئوغلى(نى خان قىلىپ تىكلىمەكچى بولغان. 661 - يىلى ياپونىيە تېننوسى سايىمېي ياردەم بەرمەكچى بولۇپ، شاھزادە ناكانو ئويېنى باشلاپ ياپونىيە قوشۇنى بىلەن بىللە كىيۇشۇغا بارغان. تېننو سايىمېي ئاغرىپ ئۆلگەندىن كېيىن شاھزادە ناكونو ئويې ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلغان. 662 - يىلى سۇ قوشۇنىنى پېكچې خانزادىسى فويۈفۇڭنى پېكچې خانلىقىغا قوغداپ ئاپىرىپ قويۇشقا بۇيرۇغان. 663 - يىلى سىللا ۋېنۋۇخاننىڭ 3 - يىلى، ياپونىيە شاھزادىسى ناكا نوئويې ئۆزىنى خاقان دەپ جاكارلىغان 2 - يىلى )تاڭ سۇلالىسى لۇڭشۇنىڭ 3 - يىلى ( يەنە 27 مىڭ كىشلىك شۇ قوشۇنىنى ياردەمگە ئەۋەتكەن. لېكىن پېكچې خانلىقىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ فۇشىن ئۆلتۈرۈلگەن. سىللاخانلىقنىڭ ۋېنۋۇخانى چېن يۈشىن بىلەن تاڭ سۇلالىسى سەركەردىلىرى سۈن رېنشى، ليۇرېنيۈەن قاتارلىق كىشىلەرنى پېكچې خانلىقىغابىرلىشىپ زەربە بېرىشكە ئەۋەتكەن. ليۇ رېنخۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ سۇ قوشۇنىنى باشلاپ، 8 -ئاينىڭ 27 - 28 - كۈنلىرى كۇم - گاڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى پەكسۇنگاڭ ئېغىزىدا )بۈگۈنكى كۈنسان شەھىرىنىڭ يېنىدا( ياپونىيىنىڭ سۇ قوشۇنى بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ، ياپونىيىنىڭ 400 دىن ئارتۇق كېمىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن. بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە قوشۇنى يېڭىلگەن. پېكچې خانلىقىنى تىرىلدۈرۈشنىڭ تايانچ بازىسى بولغان جۇليۇ شەھىرىمۇ ئىشغال قىلىنغان. فۇيۈفۇڭ ئۆزى يالغۇز كوگۇريوغا قېچىپ كەتكەن. زور تۈركۈمدىكى پېكچېلىكلەرياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ خانلىقنىڭ تىركىشىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىلىپ، كوگۇريو خانلىقى بىلەن سىللا خانلىقىنىڭ تىركىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن