Chinese→Uyghur主要词典
胚珠培养
بىئولوگىيە
تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈش
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنىنى تەندىن ئايرىلغان شارائىتتا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرى، ئۇرۇقلانغان تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈش. يەنى چاڭلىنىپ بولغان ئانىلىقتىن ئۇرۇقلانغان تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى زىگوتا ياكى ئىپتىدائىي تۆرەلمىنىڭ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەڭ ئاخىرىدا يېتىلگەن ئۇرۇقنى ھاسىل قىلىپ ۋە بىخلاندۇرۇپ مايسىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. يۇمران تۆرەلمىنى تۆرەلمە تۈگۈنى قوغدايدىغان ۋە ئۇرۇقلاندۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئۆستۈرگەندە يالغۇز ئۆستۈرگەنگە قارىغاندا ئاسان نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئەپيۇنگۈل، زېفېرانتىس گۈلى، تاماكا، پاكار غوللۇق ھەشقىپىچەك قاتارلىقلارنىڭ تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، يەنە بىرى، ئۇرۇقلانمىغان تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈش، يەنى ئۇرۇقلىنىشتىن بۇرۇنقى تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم ھۈجەيرىسى ياكى باشقا تاق ھەسسىلىك ھۈجەيرىلەرنى ئىندۇكسىيىلەپ يېتىلدۈرۈپ تۆرەلمىسىمان تەن ياكى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلمىغا ئايلاندۇرۇش، ھەمدە قايتا ئۆستۈرۈپ تاق ھەسسىلىك ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ چاڭداننى ئۆستۈرۈشتىن كېيىنكى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تاق ھەسسىلىك تەننى ئىندۇكسىيىلەشنىڭ باشقا بىر جەريانى. بۇ خىل ئۇسۇل ئافرىقا جۇخار گۈلى، قىزىلچا قاتارلىق ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەردە نەتىجە قازىنىلدى.