Chinese→Uyghur主要词典
培养基
دېھقانچىلىق
péi yǎng jī
ئۆستۈرگۈچى دوراDئورمانچىلىق
péi yǎng jī
ئۆستۈرگۈچDتېببىي
péi yǎng jī
باكتېرىيە ئۆستۈرگۈچ، ئۆستۈرۈش ئەشىياسى، ئۆستۈرۈش ئوزۇقىDئۇنىۋېرسال
péi yǎng jī
ئۆستۈرگۈچ؛ كۇلتۇرا
بىئولوگىيە
ئۆستۈرگۈچ
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياكى مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى يىغىلىدىغان ماددىلاردىن تەركىب تاپقان ئاساسىي ئوزۇقلۇق ماددا. ئۆستۈرگۈچتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبىگە قاتنىشىدۇ، ياكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزملىق ئاكتىپچانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ياكى ئانتىگېننى ھاياتلىق ھەرىكەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. مىكرو ئورگانىزم ئوخشاش بولمىسا ئۆستۈرگۈچنىڭ تەركىبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆستۈرگۈچ ئاساسەن مىكرو ئورگانىزملارنى ئايرىش، ئۆستۈرۈش، باھالاش، باكتېرىيە ئۇرۇقلىرىنى ساقلاش ۋە سانائەتتە ئېچىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ تۈزۈلۈش تەركىبىگە ئاساسەن تەبىئىي ئۆستۈرگۈچ ۋە بىرىكتۈرمە ئۆستۈرگۈچكە، فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن سۇيۇق ئۆستۈرگۈچ، قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ۋە يېرىم قاتتىق ئۆستۈرگۈچكە، ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن سپورا ئۆستۈرگۈچ، ئۇرۇق ئۆستۈرگۈچ، ئېچىتقۇ ئۆستۈرگۈچ، تاللاش خۇسۇسىيەتلىك ئۆستۈرگۈچ، پەرقلەندۈرگۈچى ئۆستۈرگۈچ ۋە كۆپەيتكۈچى ئۆستۈرگۈچ قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. قايسى خىل ئۆستۈرگۈچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ PH قىممىتى تەڭشىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىلاپ مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ئىشلىتىشكە تەييار قىلىنىدۇ.