Uyghur主要词典
پەيمانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پىيالە، قەدەھ:
ئۆلچەم، قاچا:
1. مۇيەسسەر بولسە گەر ۋەسلى غەنىمەت بىلمەكمۇ قۇتماق،
كەتۈرمەكدۇر سۇراھى نەچچە ۋۇ پەيمانە ئاندىن كۆپى.
ئەرشى.
2. چۇ مەھزۇنغە شەرت ئەتتى جانانەسى،
كى قەۋل ئەيلەبان ئۆزر پەيمانەسى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جام، قاچا، قەدەھ، كۆچمە مەنىسى: مەي؛ ئۆلچەم، ئۆلچەم بىرلىكى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: سىپقۇراي ئول بادەنى يار ۋەفاسىز ئىشقىدە، قالمەسە پايمانەدە ھەم تولدۇرۇپ دەن يانە تۇت. (موللا بىلال)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. قەدەھ، شاراب قاچىسى، پىيالە.
چېچەكلەر بەرگىدە شەبنەم قۇياشتا يالتىرار ھەر دەم، ئېچىلغان گۈل، قىزىل مەيگە تولۇر پەيمانە - پەيمانە.