Chinese→Uyghur主要词典
胚孔
ئۇنىۋېرسال
pēi kǒng
تۆرەلمە تۆشۈكى
Dدېھقانچىلىق
pēi kǒng
تۆرەلمە تۆشۈكىDباغۋەنچىلىك
pēi kǒng
تۆرەلمە تۆشۈكى
بىئولوگىيە
تۆرەلمە تۆشۈكى
<ئىپتىدائىي ئېغىز> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تۆرەلمىسى خالتىلىق تۆرەلمىدىن ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمىگە قاراپ تەرەققىي قىلغاندا تۆرەلمە بوشلۇق دىۋارى (ئۆسۈملۈك قۇتۇبى) ھۈجەيرىلىرى ئىچىگە قاتلىنىپ يېڭى بوشلۇق - ئىپتىدائىي ئۈچەي بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بوشلۇقنىڭ ئېغىزى تۆرەلمە تۆشۈكى دېيىلىپ، تۆرەلمە ئىچى ۋە سىرتىنىڭ تۇتىشىش يولى ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمە تۆشۈكى ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمە شەكىللىنىش ئاياغلاشقاندا كىچىك تۆشۈك بولۇپ ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى ھايۋان تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. بەزى ھايۋانلارنىڭ بۇ ئىپتىدائىي ئېغىزى يېتىلگەن تېنىنىڭ ئېغىز تۆشۈكىگە (ئاخىرىدا قۇتۇبلۇق ئېغىزغا) ئايلىنىدۇ؛ باشقا بەزى ھايۋانلار (مەسىلەن، دېڭىز يۇلتۇزى، پاقا، سۈت ئېمىتكۈچى ھايۋانلار قاتارلىق) نىڭ بولسا، يېتىلگەن تېنىنىڭ ئانۇسىغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىلگەن تېنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە باشقىدىن بىر ئېغىز تۆشۈكى ئېچىلىدۇ. تۆرەلمە تۆشۈكىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئوخشىمىغانلىقتىن ھايۋانلارنى چوڭ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ، ئالدىنقى بىر خىل ھايۋانلار ئىپتىدائىي ئېغىزلىق ھايۋانلار، كېيىنكى بىر خىل ھايۋانلار كېيىنكى ئېغىزلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ.