Chinese→Uyghur主要词典
胚后发育
باغۋەنچىلىك
pēi hòu fā yù
تۆرەلمىدىن كېيىنكى يېتىلىش
بىئولوگىيە
تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىيات
ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ ئىندىۋىدلىق تەرەققىيات جەريانىدىكى تۇخۇمدىن چىققان ياكى ئانا تېنىدىن تۇغۇلغاندىن كېيىنكى جىنسى يېتىلگۈچە بولغان ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، يېتىلگەندىن كېيىنكى زەئىپلىشىپ قېرىغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت؛ بەزى تۈرلەردىكى ھايۋانلارنىڭ بالا تەنىسى بىلەن يېتىلگەن تەنىسى ئوخشاش بولۇپ، ھالەت ئۆزگەرتىشتىن ئۆتمەيلا تەدرىجىي ئۆسۈپ چوڭيىدۇ، بۇ بىۋاسىتە تەرەققىي قىلىش دېيىلىدۇ، مەسىلەن، سازاڭ، زۇلۇك قاتارلىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار ھەم زور كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار؛ باشقا بەزى تۈرلىرىنىڭ تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئالاھىدە بالا تەنىلىك مەزگىلى بولۇپ، ھالەت ئۆزگەرتىش ھادىسىسى بولىدۇ. ئۈچەي قورساقلىقلار، ياپىلاق تەنلىكلەر، بوغۇم تەنلىكلەر، مولليۇسكلار، بوغۇم پۇتلۇقلار، تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار قاتارلىق ھەرقايسى تىپلاردىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنىڭ تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسىدە ھالەت ئۆزگەرتىش مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدە ھاشاراتلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، يەنە مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىش بىلەن تولۇقسىز ھالەت ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىككى تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە قوش ماكانلىقلارنىڭ تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمۇ ھالەت ئۆزگەرتىشتىن ئۆتىدۇ، ھەم يېتىلگەن تەنىگە مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە فىزىئولوگىيىلىك جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئوخشاشمايدىغان بالا تەنىلىك دەۋرى بولىدۇ. تۆرەلمىدىن كېيىنكى تەرەققىياتتىكى ھالەت ئۆزگەرتىش، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ سىستېمىلىق تەرەققىياتىنىڭ جەريانى ھەم ئۇنىڭ باشقا تۈرلەر بىلەن بولغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنكاس قىلىپ بېرىدۇ، مەسىلەن، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلاردىن قاسىراقلىقلار سىنىپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكرەك ھايۋانلارنىڭ لىچىنكىسىنىڭ يېتىلىشى كۆپىنچە تۆۋەن دەرىجىلىكرەكلىرىنىڭ لىچىنكا دەۋرىنى تەكرارلايدۇ. پاقىنىڭ قۇمچىقى بولسا، قۇيرۇقلۇق قوش ماكانلىقلار بىلەن بولغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، لېكىن ئۇرۇقداشلىققا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ پەقەت سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىشنىڭلا نەتىجىسىدىن بولىدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ھاشاراتلار.