Chinese→Uyghur主要词典
培根
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
péi gēn
باكونDئىستېتىكا
péi gēn
بېكون (1626 - 1561)، ئەنگىلىيە ماتېىيالىزمىنىڭ ۋە پۈتكۈل تەجرىبە پەنلىرىنىڭ ئاساسچىسى، تەجرىبىچىلىك پەلسەپەسىنىڭ پېشۋاسى.
دۇنيا تارىخى
باكۇن
(1) روگېر.باكون (تەخمىنەن 1214 - 1292). ئەنگلىيە پەيلاسوپى، تەجرىبە ئىلمىنىڭ پېشىۋاسى. ئوكسفورد ۋە پارىژدا ئوقۇغان. كېيىن فرانسېسكوچىلارنىڭ مۇناخى بولۇپ قالغان. مەدرىس پەلسەپىسىگە قارشى تۇرغان، ھەقىقىي بىلىمنىڭ تەجرىبە ئاساسىغا ئورنىتىلىشنى تەكىتلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پەلسەپىنىڭ دىنىي ئەقىدىگە خىلاپلىق قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ ھال ئۇنىڭ نەدرىس پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەبىئىي پەندە ماتېماتىكا بىلەن ئوپتىكىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەن. دۇربۇن. مىكروسكوپ ۋە ئايروپىلاننى تەسەۋۋۇر قىلغان. تەخمىنەن 7127-يىلى چېركاۋ تەرىپىدىن 10 نەچچە يىل نەزەربەنت قىلىنغان، ئۇنىڭ <يىرىك ئەسەر> دېگەن ئاساسلىق ئەسىرى بار. (2) فرانسىس. باكون (1561 - 1626). ئەنگلىيىلىك ماترىيالىست پەيلاسوپ. دادىسى كورۇلىۋا ئېلىزابېت Ⅰ نىڭ تامغاچ ۋەزىرى بولغان، ئۇ كىمبرىج ئىلاaىيەت شۆيۈەندىن ئوقۇغان. كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1584-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. ئۇ كىمبرىج ئىلاھيەت شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1584-يىلى تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان. 1617-يىلى تامغاچ ۋەزىر بولغان. 1618-يىلى چوڭ سودىيە بولغان. 1620-يىلى ۋىكونت مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1621-يىلى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قاماققا ئېلىنغان. شۇ يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى مەدرس پەلسەپىسى بىلەن قارىمۇ قارشى بولۇپ، دۇنيانىڭ ماددىلىقىنى قارالاشتۇرغان؛ ئۇ پەقەت يىغىنچاقلاش، تەھلىل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، كۆزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىشلا ئىلمىي بىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان؛ ھېسسىي بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىشنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان؛تەبىئىي پەننى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، <بىلىم - كۈچ> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماركس بىلەن ئېنگېلس ئۇنى <ئەنگلىيە ماتېرىيالىزمى ۋە پۈتكۈل ھازىرقى زامان تەجرىبە پەنىنىڭ ھەقىقىي بۈۋىسى> (<ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى> دېگەن 2-توم، خەلق نەشرىياتى 1957-يىل خەنزۇچە نەشرى، 631-بەت) دېگەن. لېكىن ئو ئەينى ۋاقىتتا تەبىئىي پەندىكى يەككە - يېگانە جىمجىت تەتقىقات ئۇسۇلىنى پەلسەپىگە كۆچۈرۈپ، يېقىنقى ئەسىرلەردىن بۇيانقى <چەكلىمىلىكنى يەنى مېتافىزىكلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى> (<ديۇرىڭغا قارشى>، 1972-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 34-بەت). ئۇ ئىلاھىيەت بىلەنمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئادا - جۇدا بولمىغان، ئىلاھ مەۋجۇت، روھ ئۆلمەيدۇ دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئەقىدىلەرنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئىلىمدىكى تەرەققىيات>، <يېڭى قورال> قاتارلىقلار.