Uyghur主要词典
پەيدا بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋەقەت بولۇپ كۆرۈنمەك.
يۈز بەرمىگەن ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. خاتالىق سادىر بولسا، تۈزەت، يەنە سادىر بولمىسۇن. پەيدا بولسا بولسۇن، يوقاپ كەتمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بارلىققا كەلمەك، يارىتىلماق.
خىزىر قارىسا سازلىقنىڭ ئورنىدا كاتتا بىر شەھەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
كېلىپ قالماق، ھازىر بولماق.
يادىكار كوچىغا چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، نەدىندۇر يەنە قادىر پەيدا بولۇپ قالدى.
ھاسىل بولماق، سادىر بولماق.
جېدەل - ماجىرا پەيدا بولماق.
كۆرۈنمەك، نامايان بولماق، ئەكس ئەتمەك.
بۈگۈن تۇرسۇن مۇئەللىم سۆزلەۋاتقاندا، سەلەيئاخۇن ئۇستامنىڭ چىرايىدا ئاڭلىغانسېرى ئاڭلىغۇسى كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارەتلىرى پەيدا بولدى.