Uyghur主要词典
پەھلىۋى
دۇنيا تارىخى
(1) يەنى رىزا شاھ. (2)مۇھەممەت رىزا پەھلىۋى (1919 - 1980) ئىران پادىشاھى (1941 - 1979). رىزا شاھنىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا شۋېتسارىيىدە ئوقۇغان. 6193 - 1938 - يىللىرى تېھران ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارمىيىدە تەپتىش باشلىقى بولغان. 1941 - يىلى ئاتىسى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغاندىن كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان (1967 - يىلى ئۆكتەبردە تاج كىيگەن). 1953 - يىلى باش ۋەزىر موسسادېگنى ئاغدۇرۇش سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ئىشتىراك قىلغان. بىر مەھەل ئىتالىيىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن. سىياسىي ئۆزگىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېين ۋەتىنىگە قايتقان. تەختتىكى مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، <بۈيۈك پارس ئىمپېرىيىسى> نى يېڭىۋاشتىن جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 60 - يىللاردىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدە <ئاق ئىنقىلاب>نى يولغا قويۇپ، <يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات ئارقىلىق، تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەلۇم پايدىسىز ئىنقىلابنى چەكلەش>نى تەشەببۇس قىلغان. مەلۇم مۆتىدىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلەپ چەت ئەل مەبلىغى كىرگۈزۈپ، دىنىي كۈچلەرنى باستۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1979 - يىلى يانۋاردا چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان، 1980 - يىلى 7 - ئايدا، مىسىردا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ <مېنىڭ ۋەتەنگە بولغان مەجبۇرىيىتىم>، <ئاق ئىنقىلاب> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.