Uyghur主要词典
پىچماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەرلىك جىنسىي بەزنى ئېلىۋەتمەك.
توقلا پىچىش ۋاقتى كېلىپ قالدى. ئاختا قىلىنغان ئات ئايغىردىن كۈچلۈك ۋە چىداملىق كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىملىكنى تىكىشكە ئۆلچەپ راسلىماق.
سەيگە قاراپ ئاش ئىچ، بويغا قاراپ كىيىم پىچ. كىيىم كەسسەڭ، كەڭ كەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كىيىم - كېچەك تىكىش ئۈچۈن رەختنى مەلۇم ئەندىزە ۋە ئۆلچەملەردە كەسمەك.
تون پىچماق.
ئۇ بۇ كېچە تالاي كىيىملەرنى پىچىپ، ئۆيلەرنى بېزەپ بولدى.
كەسمەك، تىلماق، توغرىماق.
تاۋۇز پىچماق. قوغۇن پىچماق.
<زوئول> ئەركەك مالنىڭ جىنسىي بېزىنى ئېلىۋەتمەك.
كۆچمە. بەلگىلىمەك، بىر ھۆكۈمگە كەلمەك، كەسمەك (باھا، نەرخ، ئىش ھەققى ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە).
باھاسىنى پىچماق.