Chinese→Uyghur主要词典
帕伊西
دۇنيا تارىخى
پائىسىي
(1722 - 1798) بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. تارىخشۇناس. ماكېدونىيىدىكى بانىسكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1745 - يىلى ھىلېندار موناستىرىغا كىرگەن. مىللىي تارىخنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت تارىخىي ماتېرىيال توپلاپ، 1762 - <سىلاۋيان بۇلغارىيە تارىخى - بۇلغارىيە خەلقى، چار پادىشاھ ۋە ساھابىلار توغرىسىدىكى تارىخ> ناملىق كىتابىنى يازغان. پۈتۈن كىتابتا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن خەلقنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، مىللىي ئازادلىق يولىنى تەشەببۇس قىلغان. مەتبەئە شەرت - شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، ئەينى ۋاقىتتا قول يازمىسىلا تارقالغان.