Uyghur主要词典
پاختا ئاتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى كۆپتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىپ سۆزلىمەك.
سۈمۈرگىن بىرنى كەمتەرلىك جامىدىن، مەنمەنلىكنى، لاپ ئۇرۇشنى تاشلىغىن. ئۆزۈمنى چاغلىماي شىىلتىڭ ئېتىپتىمەن. پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن. پاختا ئاتقاندىن قورق.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ئىش، ھادىسىنى كۆپتۇرۈپ، مۇبالىغە قىلماق؛ چوڭ سۆزلىمە، لاپ ئۇرماق، پو ئاتماق: - ئۇ ئاغزىدا پاختا ئاتقان بىلەن قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، - دېدى ياسىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چىگىتىدىن ئايرىلغان پاختىنى ئاتقۇچىلىق دۇكىنىدا تىتىپ يۇمشاتماق.
كۆچمە. كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلماق؛ چوڭ سۆزلىمەك، لاپ ئۇرماق، پو ئاتماق.