Uyghur主要词典
پاخارپۇر ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
مىلادىⅧ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدىكى بۇددا دىنىي ئىمارىتىنىڭ خارابىسى. بېنگال خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ راجىشاھى شتاتىدا. بۇتخانىنىڭ ھەر بىر تەرىپىىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا ھويلىسى 120×105 مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان چوڭ مۇنارىسى بار، ئوتتۇرا ھويلا ئەتراپىدا 177 خانلىق راھىبلار ئۆيى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پالا خاندانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى داراپالا (770 - 810-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ياساتقان. مۇنارىنىڭ ئۇل سۇپىسىدىن قېزىۋېلىنغان تەخمىنەن 2800 پارچە ساپال ئەسۋاب، باي پالا سەنئەت ئۇسلۇبىدىكى ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ