Uyghur←Chinese主要词典
پاۋلوۋ
دۇنيا تارىخى
巴甫洛夫
bā fǔ luò fū
(1849 - 1936). روسىيەلىك فىزىئولوگ. ئىلگىرى ـ ئاخىر پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتى تەبىئىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ فىزىكا - ماتېماتىكا پاكۇلتېتىنى ۋە تاشقى كېسەللەر تىببىي ئىنىستىتۇتىنى تۈتتۈرگەن. 1883 - يىلى تىببىي پەنلەر دوكتورى بولغان. 1890 - يىلى ھەربىي تىببىي ئىنىستىتۇتى (بۇرۇنقى نامى تاشقى كېسەللەر تىببىي ئىنىستىتۇتى) نىڭ فارما - كولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1895 - يىلدىن باشلاپ، ھەربىي تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزولوگىيە ئىلمى بويىچە پروفېسسور بولغان. 1907 - يىلى روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 1924 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى پاۋلوۋ فىزىئولوگىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ئۈچ ساھەدە: يەنى يۈرەك فىزىئولوگىيىسى، ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ۋە ئالىي نېرۋا پائالىيىتى فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتى جەھەتلەردە ناھايىتى زور تۆھپە ياراتقان. خېلى بۇرۇنلا مۆتىدىل قانلىق ھايۋانلار يۈرىكىنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇق خاراكتىرىدىكى نېرۋىسىنىڭ بارلىقىنى، يۈرەك سوقۇشىنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقى ۋە ئاجىزلىتالايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن ۋە كېيىنكى نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش رولى تەلىماتىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئاساس سالغان. ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭە پوستىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە شەرتلىك رېفلېكس شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقۇمنى ئىسپاتلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقاتىغا يۈزلەنگەن ھەمدە ئىككى سىگنال سىستېمىسى تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تەلىماتى تىببىي ساھە، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1904 - يىلى فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم بويىچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە>، <ھايۋانلار ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنى (ھەرىكىتىنى) ئوبىكتىتىپ تەتقىق قىلغان 20 يىللىق تەجرىبە> ۋە <چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارىنىڭ رولى توغرىسىدا لېكسىيە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
巴洛夫
bā luò fūDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
帕夫洛夫
pà fū luò fūDئۇنىۋېرسال
巴甫洛夫
bā fǔ luò fūDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴甫洛夫
bā fǔ luò fū