Uyghur←Chinese主要词典
پاۋلېنكو
دۇنيا تارىخى
巴甫连柯
bā fǔ lián kē
(1899 - 1951). سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. خىزمەتچى ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. 1920 - يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. شۇيىلى روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىك) گە قاتناشقان. 1924 - 1927- يىللىرى تاشقى سودا خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى باشلىغان. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە <قىزىل يۇلتۇز گېزىتى> نىڭ جەڭ مەيدانى مۇخبىرى بولغان. ئۇنىڭ <بەخت> ناملىق رومانى، <يايلاقتىكى قۇياش> ۋە <قورۇلنى قوغداش> ناملىق پوۋېستلىرى بار. يەنە باشقىلار بىلەن بىرگە تۈزگەن < سىۋېردلوۋ>، <ئالېكساندر نېۋىسكى>، <قەسەم بېرىش>، <بېرلىننىڭ ئىشغال قىلىنىشى> ۋە <مۇزىكانت گېرىنكا> قاتارلىق كىنو سىنارىيىلىرى بار.