Uyghur主要词典
پاتالىپۇترا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادا دۆلىتىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى بىخار شتاتىنىڭ پاتنا شەھىرى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴئەسىردە قۇرۇلغان، ماۋۇريا خانلىق دەۋرىدە(مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅣـⅡئەسىرلەردە) پايتەخت قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن2.8 كىلومېتىر بولۇپ، ياغاچتا ياسالغان ھەيۋەتلىك شەھەر سېپىلىدە570 راۋاق ۋە 64 دەرۋازىسى بولغان، شەھەر ئەتراپىنى كەڭ سېپىل خەندىكى ئوراپ تۇرغان. سوداسانائەت راۋاج تاپقان بولۇپ، مېگاستېنېنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشىچە، مەزكۇر شەھەردە قول سانائەت باشقۇرۇش جۇجۇقى، سودا باشقۇرۇش جۇجۇقى، سودا نىزاملىرىنى نازارەت قىلىش جۇجۇقى، تاۋارنىڭ سېتىلىش باھاسى بويىچە باج ئېلىش جۇجۇقى، مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش جۇجۇقى ۋە تۇغۇلغان ئۆلگەنلەرنى تىزىملاش جۇجۇقىدىن ئىبارەت 6جۇجۇق تەسىس قىلىنغان. سۇنگا خانلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىىركى Ⅰئەسىرگىچە)دەۋرىدە يەنىلا پايتەخت قىلىنغان، تاكى مىلادى Ⅳئەسىرگىچە يەنە گۇپتاخانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. شەھەر ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلار ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم بولۇپ جوڭگونىڭ شەرقىي جىن سۇلالسىلىق دراماپاترايازغان <بۇددىزم ئەللىرىگە ساياھەت> دېگەنكىتابتا:<پاتالپۇترائاسوكا ئىدارە قىلىغان جاي بولۇپ، شەھەردىك ئوردىن ئىنسان ياسىغان بولماستىن، دۆپەرىلەرنى ئىشلىتىپ، تاشنى دۆۋىلەپ تام قوپۇرۇپ، خەتنەقىش ئويدۇرغان>، دېيىلگەن. مىلادى Ⅶئەسىردە تاڭ دەۋرىدىكى شۇەنزاڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغانچاغدا، بۇ شەھەر خاراب بولۇپ كەتكەنىدى.