Uyghur主要词典
پاسىچ
دۇنيا تارىخى
(1845-1926)سېربىيە باش ۋەزىرى (1891-1892،1904-1908،1910-1918،1921-1924،1924-1926). ياشلىق دەۋرىدە ماركوۋىچنىڭ مۇرىتى بولغان. سىيورىخ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1881-يىلى سېربىيە رادىكاللار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، يولباشچى بولغان. سىياسىي ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش جەھەتتە بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. تاشقى جەھەتتە روسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1878-يىلى سېربىيە پادىشاھلىق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1883-يىلدىن كېيىن چەت ئەلگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان. 1889-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پارلامېنت باشلىقى ۋە بېلگراد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1893-1894-يىللىرى روسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئوتتۇرغا قويغان سىياسىي پروگراممىسىدىن ۋاز كەچكەن. 1912-يىلى بالقان ئىتتىپاقى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1919-1920-يىللىرى سېربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. باش ۋەزىر ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ تۇرغاندا، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىك قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1924-يىلى يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1926-يىلى ئىستېپا بەرگەن.